«ئىدلىب <يول خەرىتىسى> نى سىزىپ چىقتۇق»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «ئىبلىب » نى سىزىپ چىققانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1364427
«ئىدلىب <يول خەرىتىسى> نى سىزىپ چىقتۇق»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان ئىزمىردا «مەنەمەن – ئەلىئاغا – چاندارلى <دۆلەتلىك تاش يولى>» نى ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، ئىدلىب كىرىزىسى ھەققىدە تۈنۈگۈن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون ۋە گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل قاتارلىق رەھبەرلەر بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىشلىرىمىزدىن كېيىن <ئىدلىب يول خەرىتىسى> نى سىزىپ چىقتۇق، سۆھبەت ئۈستىلىدە ئىكەنلىكىمىزنى پۈتكۈل جاھانغا جاكارلايمىز، يەر شارى خاراكتېرلىك كۈچلەرنىڭ پىلانلىرىغا تەسلىم بولمايمىز، تېخىمۇ ساغلام ۋە تېخىمۇ قەتئىي ئىرادە بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيمىز. دەرۋەقە، بۈگۈن سۈرىيە، لىۋىيە، ئاقدېڭىز ۋە رايونىمىزدا  كۈرەش قىلىشتىن ئۆزىمىزنى تارتساق، بۇنىڭ ئۈچۈن ئەتە – ئۆگۈن ئېغىر بەدەللەرنى تۆلەشكە مەھكۇم بولىمىز. دۆلىتىمىزنىڭ سۈرىيە ۋە لىۋىيە سىياسىتى كەلسە – كەلمەس سىياسەتلەر ئەمەس. زۆرۈر تېپىلغاندا، ئۆز ئالدىمىزغا ھەرىكەت قىلىپ، دۆلىتىمىزنى توغرا نىشانلىرىغا يەتكۈزۈشكە تىرىشىۋاتىمىز. بۇ دائىرىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان  كۈرەشلىرىمىزدە سىياسىي، دىپلوماتىك ۋە ھەربىي كۈچىمىزنى ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەدە ئىشقا سېلىۋاتىمىز. خۇدايىم بۇيرىسا، قىيىنچىلىقلار ئالدىدا قىلچە ئارقىغا چېكىنمەستىن، دۇچ كېلىۋاتقان قىيىن ئۆتكەللەرنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت  مەنزىلگاھىمىز ھەم ئۇلۇغۋار نىشانىمىزغا يېتىمىز.»  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر