ناتو باش كاتىپى ئەسەد كۈچلىرىنى ئىدلىبتىكى ھۇجۇملىرىنى توختىتىشقا چاقىردى

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ، سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىدىكى ئېغىرلىشىۋاتقان جىددىيچىلىك توغرىسىدا توختالدى.

1358732
ناتو باش كاتىپى ئەسەد كۈچلىرىنى ئىدلىبتىكى ھۇجۇملىرىنى توختىتىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ، سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىدىكى ئېغىرلىشىۋاتقان جىددىيچىلىك توغرىسىدا توختىلىپ، «رۇسىيەنىڭ قوللىشى ئاستىدىكى ئەسەد ھاكىمىيىتى، بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولۇۋاتقان بارلىق ھۇجۇملىرىنى توختىتىشى كېرەك» دېدى.

يېنس ستولتېنبېرگ، ناتو مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىنىڭ بىرىنچى كۈنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئۇ، ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ «ئىدلىبتا ئەۋجىگە چىققان ھەربىي جىددىيچىلىك يىغىندا قايسى دەرىجىدە ئوتتۇرىغا قويۇلدى؟ ناتونىڭ ئۆز ئەزاسى بولغان تۈركىيەگە بۇ جەھەتتە كونكېرت ياردەم قىلىشى كۈتۈلۈۋاتامدۇ؟» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، «ئىدلىب ۋەزىيىتى بۈگۈنكى يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ھازىر (رايوندا) كۆرۈۋاتقىنىمىز، شەپقەتسىزلەرچە قىلىنىۋاتقان زوراۋانلىقنىڭ، بىگۇناھ پۇقرالارغا قىلىنىۋاتقان ئاشقۇن ھۇجۇملارنىڭ ۋە مەمۇرىي ئورۇنلارنىڭ قارا – قويۇق بومباردىمان قىلىنىشىنىڭ مەھسۇلىدۇر. بۇنى ئەيىبلەيمىز، چۈنكى قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان بىر ئىش ئەمەس» دېدى.

ئۇ، «رۇسىيەنىڭ قوللىشى ئاستىدىكى ئەسەد ھاكىمىيىتىنى، بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولۇۋاتقان بارلىق ھۇجۇملىرىنى توختىتىشقا چاقىرىمىز» دېدى.

ناتونىڭ تۈركىيەنى قوللاۋاتقانلىقىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتكەن ستولتېنبېرگ، بۇنىڭ مىسالى سۈپىتىدە «تۈركىيەنىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى كۈچەيتىش يولىدا تاشلانغان بەزى قەدەملەر»گە ئىشارەت قىلدى ۋە ئىدلىبتىكى ۋەزىيەتتىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر