ئەردوغان: لىۋىيەدە تىنچلىق ئورنىتىش يولى تۈركىيەنى بېسىپ ئۆتىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، لىۋىيەدە تىنچلىق ئورنىتىش يولىنىڭ تۈركىيەنى بېسىپ ئۆتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

1343063
ئەردوغان: لىۋىيەدە تىنچلىق ئورنىتىش يولى تۈركىيەنى بېسىپ ئۆتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان لىۋىيە مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك بېرلىن باشلىقلار يىغىنىدىن ئىلگىرى مەركىزى ۋاشىنگتونغا جايلاشقان «پولىتىكو» گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ماقالىسىدە، «لىۋىيەنى بىر ئۇرۇش خوجايىنىنىڭ قولىغا تاشلاپ بېرىش، تارىخىي خاتالىق بولىدۇ. لىۋىيەنىڭ خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنى تەربىيەلەپ، ئۇلارنىڭ تېررورىزم، ئادەم ئەتكەسچىلىكى (جىنايەتلىرىگە) قارشى كۈرىشىگە ھەسسە قوشىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ماقالىدە، «لىۋىيە 10 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان قانلىق بىر ئىچكى ئۇرۇشنىڭ پەنچىسىدە تۇرماقتا. بىراق خەلقئارا جەمئىيەت، ھازىرغىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىدى؛ زوراۋانلىققا خاتىمە بېرىپ، تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئورناتمىدى. نۆۋەتتە بۇ بىپەرۋالىقنىڭ ئاقىۋىتىگە دۇچ كەلمەكتىمىز» دېيىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ماقالىسىدە يەنە، «ياۋروپانىڭ لىۋىيەگە ھەربىي ياردەم قىلىش ئىستىكىنى تۆۋەن بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارايدىغان بولساق، ئەسلىدىنلا ھەربىي ياردەم بېرىشنى ۋەدە قىلغان تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش ئەڭ ئوچۇق تاللاشتۇر» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر