ئەردوغان ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1333836
ئەردوغان ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدىن سىرت يەنە، لىۋىيە ۋە سۈرىيە ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلۇق ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئىراقتىكى ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى  نىشان قىلىنغان ھۇجۇملارنى ئەندىشە ۋە ئەپسۇسلىنىش ئىچىدە كۆزىتىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا باش ئەلچىخانىسىغا قارىتا نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئاخىرلشقانلىقىدىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

 بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىككى رەھبەر، رايونلۇق مەسىلىلەرنىڭ دىپلوماتىك يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەشكەن، ھەمدە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدە بىرلىكتە قازىنىش ئۈچۈن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر