ئەردوغان: مىڭلارچە مۇساپىر تۈركىيە چېگراسىغا قاراپ ھەرىكەت قىلماقتا

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن «شەھەر ۋە بىخەتەرلىك مۇھاكىمە يىغىنى» دىكى سۆزى جەريانىدا سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىدىكى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا توختالدى.

1333554
ئەردوغان: مىڭلارچە مۇساپىر تۈركىيە چېگراسىغا قاراپ ھەرىكەت قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 200 – 250 مىڭ مۇساپىرنىڭ تۈركىيە چېگراسىغا قاراپ ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، «بەزى تەدبىرلەر ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشىۋاتىمىز، بىراق بۇ ئاسان ئىش ئەمەس، ناھايىتى زور، ئالدىڭىزدا ئىنسان بار. ئۆز خەلقىڭلارغا ۋە سىلەردىن پاناھلىق تىلىگەنلەرگە بەرگەن قىممەتكە پاراللېل شەكىلدە بىخەتەر بولىدىغان گەپ. تۈركىيە 81 ۋىلايىتىگە تارقىغان 4 مىليونغا يېقىن سۈرىيەلىك بولۇپ جەمئىي 5 مىليوندىن ئارتۇق كىشىگە باغرىنى ئاچقان مۇشۇنداق شارائىتتا، ئۆز شەھەرلىرىگە چەت ئەللىكلەرنىڭ ئورۇنلىشىشىنى خالىمايدىغانلارنىڭ ئىنسانىي تۇيغۇلىرىنىڭمۇ قايىل قىلارلىقى قالمايدۇ» دېدى.

ئەردوغان يەنە، ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرى توغرىسىدىمۇ توختىلىپ، «ناھايىتى ئېنىق قىلىپ ئېيتىمەنكى، بۇ ئۇلارنىڭ ياخشى كۈنلىرى. بۇلارنى تېخىمۇ ئېغىر مۇسىبەتلەر كۈتمەكتە. نېمىشقا؟ خەۋپسىزلىك مەسىلىسىگە تەھدىت سېلىۋاتقان قانچىلىك زەھەرلىك چېكىملىك ۋەقەسى بولسا، بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ خوجايىنلىرى بىزدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىش قىلماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ياۋروپادىكى داۋاملىشىۋاتقان نامايىشلارغا قارىتا يولغا قويۇلغان تەدبىرلەرنى ئەيىبلىگەن ئەردوغان، «گويا بەلگىلىمە، تۈزۈم ۋە ئەركىنلىكنىڭ سىمۋولى ھېسابلىنىۋاتقان غەرب شەھەرلىرى بىردىنلا ئۈستى ئوچۇق تۈرمىلەرگە ئايلاندۇرۇلدى» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر