ئەردوغان: بۇنىڭدىن كېيىنمۇ خەلقكە خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، 2020 – يىللاردىمۇ ئىشلەشنى، خەلقكە خىزمەتكار بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1332813
ئەردوغان: بۇنىڭدىن كېيىنمۇ خەلقكە خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر تارقىتىپ، 2020 – يىلىنىڭ خەلقكە ۋە پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە تىنچلىق، خاتىرجەملىك، ئامان –ئېسەنلىك ۋە باياشاتلىق ئېلىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ئارقىمىزدا قالدۇرغان 2010 – يىللاردا دۆلىتىمىزگە قالدۇرغان ئەسەرلىرىمىزگە يېڭىلىرىنى ئىلاۋە قىلىش ئۈچۈن 2020 – يىللاردىمۇ ئىشلەشنى، خەلقكە خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تېلېگراممىسىغا ئىلاۋە قىلىپ، «10 يىلدا نېمە ئىشلارنى قىلدۇق؟» دېگەن تېمىلىق بىر دىياگراممىنىمۇ ئورتاقلاشتى؛ ئۇنىڭدا يېقىنقى 10 يىلدا سېلىنغان كۆۋرۈكلەر، يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز يوللىرى ۋە غۇلغۇلا قوزغىغان بەزى قۇرۇلۇشلار بىلەن يەرلىك قورال ۋە مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش ۋە ئىشلىتىلىشكە باشلانغان ۋاقىتلىرىغا دائىر ئۇچۇرلارغا ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر