ئەردوغان: مولداۋىيەنىڭ فەتھۇللاھچىلارنىڭ مەكتەپلىرىنى مائارىپ ۋەخپىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشىنى كۈتۈۋاتىمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، مولداۋىيەدىكى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى مەكتەپلىرىنىڭ تۈركىيە مائارىپ ۋەخپىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1332225
ئەردوغان: مولداۋىيەنىڭ فەتھۇللاھچىلارنىڭ مەكتەپلىرىنى مائارىپ ۋەخپىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشىنى كۈتۈۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن مولداۋىيە پىرېزىدېنتى ئىگور دودون پايتەخت ئەنقەرەدىكى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ، مولداۋىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى، مۇقىملىقى، باياشاتلىقى ۋە تەرەققىياتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە نويابىر ئېيىدا تەشكىللەنگەن يېڭى ھۆكۈمەتكە مولداۋىيەلىكلەرگە خىزمەت يولىدا ئۇتۇق تىلىدى.

تۈركىيەنىڭ بارلىق ئورگانلىرىنىڭ مولدانىيەنىڭ يېنىدا تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، «گاگاۋۇز تۈركلىرى مولداۋىيە بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ئەڭ مۇستەھكەم دوستلۇق كۆۋرۈكلىرىنىڭ بىرىدۇر» دېدى.

ئۇ، مولداۋىيەلىك ساياھەتچىلەرنىڭ بىرىنچى بولۇپ تۈركىيەنى تاللىغانلىقىدىن ناھايىتى مەمنۇن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

مولداۋىيەنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەشتە بولۇپمۇ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا چېتىشلىق كىشىلەرنىڭ قايتۇرۇپ بېرىلىشى جەھەتتىكى ھەمكارلىق روھىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن ئەردوغان، «بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە دۆلەتتىكى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى مەكتەپلىرىنىڭ تۈركىيە مائارىپ ۋەخپىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشىنى كۈتۈۋاتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدىن ئىلگىرى جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن مولداۋىيە پىرېزىدېنتى دودوننىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر