ئەردوغان مېركېل بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
1331494
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەردوغان بىلەن مېركېلنىڭ تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا لىۋىيە ۋە سۈرىيە مەسىلىسى باشتا بولۇپ رايونغا ئالاقىدار مەسىلىلەر ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلغان.