ئەردوغان سومالىدا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، سومالىنىڭ پايتەختى موقدىشۇدا تۈنۈگۈن مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.

1331183
ئەردوغان سومالىدا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، «ھۇجۇمدا جېنىدىن ئايرىلغان ئىككى پۇقرايىمىزغا ۋە سومالىلىق قېرىنداشلىرىمىزغا ئاللاھتىن رەھمەت، يارىدارلارغا تېز شىپالىقلار تىلەيمەن» دېدى.

ئۇ، تۈرك خەلقى ۋە قېرىنداش سومالىقى خەلقىگە تەزىيە بىلدۈردى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «تۈركىيە ھەردائىم سومالىنىڭ يېنىدىدۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر