ئەردوغان: تۈركىيەنىڭ 60 يىللىق غايىسى رېئاللىققا ئايلاندى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ 60 يىللىق غايىسىنىڭ رېئاللىققا ئايلانغانلىقىنى ئېيتتى.

1330852
ئەردوغان: تۈركىيەنىڭ 60 يىللىق غايىسى رېئاللىققا ئايلاندى
yerli otomobil togg1.jpg
yerli otomobil togg.jpg
erdogan yerli otomobil.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش گۇرۇھى (TOGG) 2020 – يىلى ئىشلەپچىقىرىشقا باشلايدىغان يەرلىك ئاپتوموبىل كوجائەلى گەبزەدە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قاتناشقان مۇراسىم ئارقىلىق تونۇشتۇرۇلدى.

ئەردوغان مۇراسىمدا قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېدى: «بۈگۈن دۆلىتىمىز ئۈچۈن تارىخىي بىر كۈنگە، تۈركىيەنىڭ 60 يىللىق غايىسىنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشىدىن ئىبارەت مۇھىم بىر ئۆزگىرىشكە شاھىت بولۇۋاتىمىز. بۇ غايىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا، 100 دىن ئاتۇق ئىنژېنېر كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ خىزمەت ئىشلىدى. بىزنىڭ بىردىنبىر ئارزۇيىمىز، لايىھە ئىجادكارلىرىمىز ۋە ئىنژېنېرلىرىمىزنىڭ بىباھا مېھنەتلىرى ھەم قان تەرلىرىنىڭ بەدىلىگە، مىللىي تېخنولوگىيەلەردىن پايدىلىنىپ يەرلىك ئاپتوموبىللىرىمىزنى ئىشلەپچىقىرىش، دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيادىكى ئورنىنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈشتۇر. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، تۈركىيە پەقەت  يېڭى تېخنولوگىيەلەر ئۈچۈن بىر بازارلا ئەمەس، ئۇلارنى ئېكسپورت قىلالايدىغان بىر  دۆلەتكە ئايلاندى. يەرلىك ئاپتوموبىل زاۋۇتى بۇرسانىڭ گەملىك رايونىدىكى تۈركىيە ئارمىيەسىگە ئائىت جايدا قۇرۇلىدۇ. 2020 – يىلىغا بارغاندا، تۈركىيەدە بارلىق توك قاچىلاش قۇرۇلمىسى لايىھەسىمۇ تاماملىنىدۇ، تۈركىيەنىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش گۇرۇھى، ئۆز تۈرى ئىچىدىكى ئىچكى قىسمى ئەڭ كەڭ، ئىقتىدارى يۇقىرى، باھاسى ئەرزان ئاپتوموبىللىرىنى ئىشلەپچىقىرىدۇ. بىز يەر شارى خاراكتېرلىك بىر ماركا ئىشلەپچىقىرىش يولىدا ئىزدىنىۋاتىمىز، سىستېمىلىق ھالدا ئىشلەپچىقىرىشقا باشلىغان ھامان، ياۋروپا بويىچە كىلاسسىك بولمىغان، تۇغما ئېلېكتىر سىستېمىسىغا ئىگە، تۇنجى ۋە يېگانە  SUV  مودېلىغا ئېرىشىمىز.»

ئەردوغان، ئالدى بىلەن ئۆزىگە بىر ئاپتوموبىل بۇيرۇتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر