ئەردوغان رۇسىيەگە بىر ھەيئەتنىڭ بارىدىغانلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈن (22-دېكابىر) سۈرىيە ئىدلىب رايونىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن رۇسىيەگە بىر ھەيئەتنىڭ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1327798
ئەردوغان رۇسىيەگە بىر ھەيئەتنىڭ بارىدىغانلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىستانبۇلدىكى دولماباھچە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئىلىم يايما مۇكاپاتلىرىنى تارقىتىش مۇراسىمى» غا قاتناشتى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ ھازىرقى ۋاقىتتا مىللىي كىرىمگە سېلىشتۇرغاندا، بولۇپمۇ ئەڭ ئاز تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرگە ئەڭ كۆپ ياردەم قىلىشتا، بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ يەنە سۈرىيەدىن كېلىدىغان يېڭى كۆچ دولقۇنىنى ئەمدى كۆتۈرەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «يېقىنقى كۈنلەردە 4 مىليون كىشى ياشايدىغان ئىدلىبتىكى قىرغىنچىلىقلار سەۋەبىدىن بۇ رايوندا قايتىدىن ھەرىكەتلىنىش پەيدا بولدى. بومباردىماندىن قاچقان 80 مىڭدىن ئارتۇق ئىدلىبلىق قېرىندىشىمىز، دۆلىتىمىزنىڭ چېگرا بويلىرىغا قاراپ كۆچۈشكە باشلىدى. ئەگەر ئىدلىب خەلقىگە قارىتىلغان ۋەھشىيلىك ئاخىرلاشمىسا، بۇ رەقەم تېخىمۇ كۆپىيىدۇ. تۈركىيە بۇنداق ئەھۋالدا، كۆچ يۈكىنى يالغۇز كۆتۈرەلمەيدۇ. بىز دۇچ كېلىدىغان بېسىملارنىڭ سەلبىي تەسىرلىرى، گىرېتسىيە قاتارلىق نۇرغۇن ياۋروپا دۆلەتلىرىگە تەسىر قىلىدىغان مەسىلىگە ئايلىنىدۇ. بىز رۇسىيە بىلەنمۇ ھۇجۇملارنىڭ ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن تېگىشلىك تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىۋاتىمىز، بۇ تىرىشچانلىقلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز. بىر ھەيئەتنى موسكۋاغا ئەۋەتىمىز. ھەيئەت ئۇ يەردە مۇزاكىرە ئۆتكۈزىدۇ ۋە بىزمۇ نەتىجىگە ئاساسەن باسىدىغان قەدەملىرىمىزنى بېكىتىمىز» دېدى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ياۋروپا دۆلەتلىرىنى، تۈركىيەنى سۈرىيەدىكى ھەرىكەتلىرى سەۋەبىدىن بىر بۇلۇڭغا قىستاشنىڭ ئورنىغا، كۈچىنى ئىدلىبتىكى قەتلىئاملارنى توسۇشقا سەرپ قىلىشقا دەۋەت قىلىدىغانلىقلىرىنى؛ باشقىچە ئەھۋالدا ئىدلىبتىكى ئوت ئۇچقۇنىنىڭ ئۆز زېمىنلىرىغا چاچرىشىنى توسۇپ قالالمايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر