ئەردوغان ھانۇكا بايرامى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكنامە ئېلان قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مۆتىدىللىق مۇھىتىنى ئىرقىۋاز، ئايرىمچى، رادىكال گۇرۇپپىلارنىڭ زەھەرلىشىگە يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1327603
ئەردوغان ھانۇكا بايرامى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكنامە ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان ھانۇكا بايرامى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكنامە ئېلان قىلىپ، مۇسىۋىي ۋەتەنداشلارنى تەبرىكلىدى.

ئەردوغان تەبرىك تېلېگراممىسىدا، «ئوخشىماسلىقلارنى بايلىق دەپ بىلىدىغان، دىن، تىل ۋە ئىرق ئايرىمچىلىقىنى رەت قىلىدىغان ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بىر مەدەنىيەتنىڭ مەنسۇپلىرى بولۇش سۈپىتمىز بىلەن ھەر بىر ۋەتەندىشىمىزنىڭ ئۆز ئېتىقادىدا ئەركىن ياشىيالىشىغا ئەھمىيەت بېرىۋاتىمىز» دېدى.

ئەردوغان بۇ چۈشەنچە بىلەن 17 يىلدا ئوخشاش بولمىغان ساھالەردە ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئىسلاھاتلار ئارقىلىق دىن ۋە ۋىجدان ئەركىنلىكىنىڭ ئالدىدىكى توسالغۇلارنى بىر - بىرلەپ يوقاتقانلىقىنى تەكىتلەپ يەنە مۇنداق دېدى:

«ھېچ كىشىنىڭ ئېتىقادى، تاشقى كۆرۈنىشى ۋە كېيىم كېچەكلىرى سەۋەبىدىن چەتكە قېقىلىشىغا قەتئىي يول قويمىدۇق. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بۇ سەزگۈرلۈكىمىزنى ساقلايمىز. تۈركىيەنى پۈتۈن دۇنياغا ئۈلگە كۆرسىتىشكە بولىدىغان بىر ھەمكارلىق بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز»  

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر