ئەردوغان: 2020 – يىللىق خامچوت لايىھەسى دۆلىتىمىز ھەم خەلقىمىز ئۈچۈن خەيرلىك بولسۇن

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 2020 – يىللىق خامچوت لايىھەسىنىڭ تۈركىيە ھەم تۈركىيە خەلقى ئۈچۈن خەيرلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

1327332
ئەردوغان: 2020 – يىللىق خامچوت لايىھەسى دۆلىتىمىز ھەم خەلقىمىز ئۈچۈن خەيرلىك بولسۇن
cumhurbaskani erdogan.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان، ئىقتىسادىي مەنبەلەرنى ئۆسۈمنىڭ ئورنىغا ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېلىنمىغا قارىتىشنى نىشان قىلىدىغان «2020 – يىللىق خامچوت لايىھەسى» نىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە قوبۇل قىلىنىشىدىن كېيىن ئېلان قىلغان ئاۋازلىق  باياناتىدا، خامچوت لايىھەسىنى قوللاپ ئاۋاز بەرگەن پارلامېنت ئەزالىرىغا رەھمەت ئېيتتى، ھەمدە بۇ لايىھەنىڭ   تۈركىيە ھەم تۈركىيە خەلقى ئۈچۈن خەيرلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «2023 – يىللىق ئىستىراتېگىيەلىك نىشانلىرىمىزنى بويلاپ غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلەۋاتىمىز، <2020 – يىللىق خامچوت لايىھەسىنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە قوبۇل قىلىنىشى، بۇ دائىرىدە تاشلانغان مۇھىم نىر قەدەم ھەم بۇرۇلۇش نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشقارمىسىنى، پارلامېنت ئەزالىرىمىزنى، بۇ ھەقتە كۈچ چىقارغان بارلىق ئورۇنلار ھەم شەخسلەرنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن، ھەمدە ئۇلارغا كۆپتىن- كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن، ئەمدى ئۇلۇغۋار نىشانلىرىمىزغا  يېتىش يولىدا تېخىمۇ قەتئىي ئىرادە بىلەن، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن دادىل قەدەم تاشلاشنىڭ دەل ۋاقتى يېتىپ كەلدى، بىرلىك ۋە باراۋەرلىكىمىز دائىم بولغاي.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر