قالىن: سۈرىيە مەسىلىسى ۋاكالىتەن ئۇرۇشلار ئۈچۈن تىياتىرغا ئايلىنىپ قالدى

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، سۈرىيە مەسىلىسىنىڭ ۋاكالىتەن ئۇرۇشلار ئۈچۈن بىر تىياتىرغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

1323500
قالىن: سۈرىيە مەسىلىسى ۋاكالىتەن ئۇرۇشلار ئۈچۈن تىياتىرغا ئايلىنىپ قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىبراھىم قالىن قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا چاقىرىلغان «19 – نۆۋەتلىك دوھا مۇنبىرى» نىڭ سۈرىيە تېمىلىق بۆلۈمىدە سۆز قىلدى؛ ئۇ سۈرىيەدە 8 يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئىچكى ئۇرۇش پەيدا قىلغان مەسىلىلەرنىڭ بارغانچە ئېغىرلىشىپ مېڭىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ، «سۈرىيە مەسىلىسى رايوندىكى ۋاكالىتەن ئۇرۇشلار ئۈچۈن بىر تىياتىرغا ئايلاندى» دېدى.

ئىبراھىم قالىن، سۈرىيەدىكى كىرىزىسنىڭ تېررورىزم ۋە مۇساپىرلار كىرىزىسىغا ئوخشاش كۆپلىگەن خەلقئارالىق مەسىلىلەرنى پەيدا قىلغانلىقىنى، بۇ مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ جەھەتتە ماس ھەرىكەت قىلىشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ، تۈركىيەنىڭ ھېچبىر سۈرىيەلىكنى خالىمىسىمۇ قايتۇرۇۋېتىشكە ياكى ئۆزى كەلمىگەن بىر رايونغا كېتىشكە زورلىمىغانلىقىنى، سۈرىيەلىكلەرنىڭ دۆلەتلىرىگە ئىختىيارىي شەكىلدە قايتىشلىرى توغرىسىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكلىرىنى ئەسكەرتتى.

ئىدلىبقا قىلىنىدىغان ھەرقانداق بىر ھەربىي ھەرىكەتنىڭ ناھايىتى ئېغىر سەلبىي تەسىر پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ۋە باشقا بىر كۆچۈش دولقۇنى قوزغايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن قالىن، بۇ ئەھۋالنىڭ، ھەم تۈركىيە ھەم ياۋروپالىقلاردا كۈچلۈك بېسىم پەيدا قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئىبراھىم قالىن، بۇ دائىرىدە سۈرىيە ئاساسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ خىزمەتلىرىنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى، بۇنى بارلىق تەرەپلەرنىڭ قوللىشى لازىملىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر