شىرناقتا 2 خەۋپسىزلىك خادىمى شېھىت بولدى
شىرناقتا پ ك ك تېررورچىلىرى تەرىپىدىن ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان يەرلىك ئۇسۇلدىكى بىر پارتلاتقۇچ پارتلاپ، 2 خەۋپسىزلىك خادىمى شېھىت بولدى، 7 خەۋپسىزلىك خادىمى يارىلاندى.
1320164
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىرناق ۋالىيلىق مەھكىمىسى بايانات بېرىپ، ئىدىل ناھىيەسى ژاندارما قوماندانلىقىنىڭ سارىكۆي يېزىسى چېگراسىدا پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرى تەرىپىدىن كۆمۈلگەن يەرلىك ئۇسۇلدىكى پارتلاتقۇچنى ئېنىقلاپ چىققانلىقى، كەسپىي خادىملارنىڭ پارتلاتقۇچنى چۇۋۇش خىزمەتلىرى جەريانىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، 2 خەۋپسىزلىك خادىمىنىڭ شېھىت بولغانلىقى، 7 نەپەر خەۋپسىزلىك خادىمىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
باياناتتا، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش دائىرىسىدىكى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ قەتئىي ئىرادە بىلەن داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.