«شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى ھەق – ھوقۇقلىرىمىزدىن تولۇق پايدىلىنىمىز»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى ھەق – ھوقۇقلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1319358
«شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى ھەق – ھوقۇقلىرىمىزدىن تولۇق پايدىلىنىمىز»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ۋە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پارتىيەسىنىڭ ئىستانبۇل ۋىيايەتلىك باشقارمىسىنىڭ كېڭەيتىلگەن «مەسلىھەت كېڭىشى» يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، تۈركىيە بىلەن لىۋىيە ئوتتۇرىسىدا دېڭىزدىكى ھوقۇق دائىرىلىرىنى تارايتىش مەسىلىسىدە كېلىشىم ئىمزالانغانلىقىنى، كېلىشىمنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭمۇ بۇ كېلىشىمنى ئىمزالىغانلىقىنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغىمۇ يوللانغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «خەلقئارا دېڭىزچىلىق ئىشلىرى قانۇنى، خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن ئاقدېڭىزدىكى ھەق – ھوقۇقلىرىمىزدىن تولۇق پايدىلىنىمىز. دۆلىتىمىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، قانۇنى، مەنپەئەتلىرى، خەلقىمىزنىڭ ۋە بارلىق دوستلىرىمىزنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداش يولىدا قەددىمىزنى رۇسلاپ،  جان تىكىپ  ئىزچىل  كۈرەش قىلىۋاتىمىز، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلىمىز. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، نۆۋەتتە تۈركىيەنى بۇرۇنقىدەك خالىغانلىرىچە تىزگىنلىيەلمىگەنلىكلىرى، يۆنىلىشىنى بەلگىيەلمىگەنلىكلىرى، بويسۇندۇرۇلمىغانلىقلىرى ۋە تىز پۈكتۈرەلمىگەنلىكلىرى ئۈچۈن بەزى دۆلەتلەر خۇدىنى يوقىتىپ قويۇۋاتىدۇ، خۇدىنى يوقاتقانلىقلىرى ئۈچۈن ئۆزلىرىنى كونتىرول قىلالمايۋاتىدۇ.»

سۈرىيە كىرىزىسى توغرىلىقمۇ توختالغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان،  دۇنيانىڭ قايسى رەھبىرى بىلەن كۆرۈشسە، «سۈرىيەدىن قاچان قوشۇن چېكىندۈرۈسىلەر؟» دەپ سورىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىزمۇ ئۇلارغا مۇنداق دەۋاتىمىز: سىلەرنىڭمۇ سۈرىيەدە نېمە ئىشىڭلار بار؟ بىزنىڭ سۈرىيە بىلەن 911 كىلومېتىرلىق چېگرا لىنىيەلىرىمىز بار، سىلەرنىڭ چېگرا لىنىيەلىرىڭلار بارمۇ؟ يوق. ئۇنداقتا، 32 – 33 مىڭ قورال – ياراغلارنى، ھەربىي ئەسلىھەلەرنى، ئوق – دورىلارنى كىمگە ئەۋەتتىڭلار؟ تېررورچىلارغا ئەۋەتتىڭلار. سىلەر سۈرىيەدىن قوشۇن چېكىندۈرمىگەن يەردە، سۈرىيە خەلقىمۇ <سىلەرگە رەھمەت ئېيتىمىز، ئەمدى چىقىپ كەتسەڭلار بولىدۇ> دېمىگەن يەردە، بىزنىڭ سۈرىيەدىن قوشۇن چېكىندۈرۈشىمىز ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر