چاۋۇشئوغلۇ ناتو باش كاتىپى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى ستولتېنبېرگ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
1315035
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ بىلەن باش كاتىپ ستولتېنبېرگنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، كېلەر ئاي ئەنگلىيەدە چاقىرىلىدىغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى تەييارلىق خىزمەتلىرى توغرۇلۇق مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.