باش ئەلچىلەر ئەردوغانغا «ئىشەنچ خېتى» تاپشۇردى

زىمبابۋې، ئېكۋاتور ۋە بۇرۇندىنىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىلىرى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا «ئىشەنچ خېتى» تاپشۇردى.

1310550
باش ئەلچىلەر ئەردوغانغا «ئىشەنچ خېتى» تاپشۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا زىمبابۋېنىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىسى ئالفرېد مۇتىۋازۇكا، ئېكۋاتور جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىسى فاننى دې لوردېس پۇما پۇما ۋە بۇرۇندىنىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىسى گېراد نتاھورۋارويې بىكېباكونى قوبۇل قىلدى.

ئۇچرىشىشتا، باش ئەلچىلەر جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا «ئىشەنچ خېتى» تاپشۇردى. باش ئەلچىلەرنىڭ ئائىلىرى ۋە بىر قىسىم قىسىم باش ئەلچىخانا خادىملىرىنىڭ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا تونۇشتۇرۇلۇشىدىن كېيىن خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر