سابىق ئىشتاب باشلىقى ياشار بۈيۈكئانىت ۋاپات بولدى
تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ 25-نۆۋەتلىك سابىق ئىشتاب باشلىقى پېنسىيونىر ياشار بۈيۈكئانىت ۋاپات بولدى.
1309856
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سابىق ئىشتاب باشلىقى پېنسىيونىر ياشار بۈيۈكئانىت بۈگۈن (21-نويابىر) ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان كېسەللىك سەۋەبىدىن 79 يېشىدا داۋالىنىۋاتقان دوختۇرخانىدا ۋاپات بولدى.
ئۇنىڭ ئايالى فىلىز بۈيۈكئانت تۆت كۈن بۇرۇن ۋاپات بولغان ئىدى. ئۇ كېسەللىكى سەۋەبىدىن ئايالىنىڭ مېيىت نامىزىغا قاتنىشالمىغان ئىدى.