دىيارباقىردا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

دىيارباقىرنىڭ گۆرەسە تېغى رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەت داۋامىدا ئىككى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1307314
دىيارباقىردا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، دىيارباقىر ۋىلايەتلىك قوراللىق ساقچى قىسىم قوماندانلىق ئىشتابى تەرىپىدىن دىيارباقىرنىڭ گۆرەسە تېغى رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەت داۋامىدا ئىككى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان بولۇپ، رايوندا تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا ئىكەن.

بۇ ئارىلىقتا، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدا ئېلىپ بارغان قۇرۇقلۇق ھەم ھاۋا ھۇجۇملىرىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك لىق 6 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى، رايوندا تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر