تۈركىيە – رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئورتاق چارلاش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا
تۈركىيە قىسىملىرى بىلەن رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ئورتاق چارلاش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا.
1305526
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «<فىرات دەرياسى> نىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان ئەيبنۇلئەرەب رايونىدا تۈركىيە قىسىملىرى بىلەن رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ 4 تىن ھەربىي ئاپتوموبىل ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى قاتناشتۇرۇلغان 5 – قېتىملىق ئورتاق چارلاش پائالىيەتلىرى تاماملاندى.»
باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، تۈركىيە قىسىملىرى بىلەن رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ 22 – ئۆكتەبىر كۈنى سوچىدا تۈزۈلگەن كېلىشىم دائىرىسىدىكى ئورتاق چارلاش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا ئىكەن.