سۇلايمان سويلۇ: دائېشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بىر ئادىمىنى قولغا چۈشۈردۇق

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سۆيلۇ تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تېخى يېقىندىلا دائېشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بىر ئادىمىنى سۈرىيەدە قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1305787
سۇلايمان سويلۇ: دائېشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بىر ئادىمىنى قولغا چۈشۈردۇق

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇلايمان سويلۇ ۋاندا چاقىرىلغان «قوغدىغۇچى خادىملار ئۈچۈن خىزمەت ئىچى تەلىم - تەربىيە» تېمىلىق يىغىندا نۇتۇق سۆزلىدى. 

سۇلايمان سويلۇ گېرمانىيە ۋە گوللاندىيەنىڭ ئۆز پۇقرالىرى بولغان دائېش ئەزاسى تېررورچىلارنى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئائىلىرى ۋە بالا چاقىلىرىنى قايتۇرۇپ ئېلىدىغان بولغانلىقىنى تەكىتلەپ، «باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ ئوخشاش شەكىلدە ھەمكارلىشىشىنى، ئوخشاش يېقىنلىق ۋە ئىجابىي پوزتسىيە تۇتۇشىنى كۈتمەكتىمىز. شۇڭا ئەگەر تېررورلۇققا قارشى بىرلىكتە كۈرەش قىلىدىغان بولساق، ھەممەيلەن ئۆز پۇقراسى بولغان تېررورچىلارغا ئىگە چىقىشى لازىم. بىز ھېچ كىشىنىڭ تېررورچىسىنىڭ چېدىرى ياكى مېھمانخانىسى ئەمەسمىز» دېدى.

تېررورلۇققا قارشى كۈرەش باسقۇچىدا دائېشنىڭ تولىمۇ مۇھىم بىر ئادىمىنى مۇشۇ يېقىندا سۈرىيەدە قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى ۋە تېررورچىنى سوراق قىلىش داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

سۇلايمان سويلۇ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، «فەتھۇللاھچىلارغا قارشى كۈرىشىمىز ئىلگىرىكىدەك قەتئىي ئىرادە بىلەن داۋاملىشىۋاتىدۇ. كىمنىڭ مەيلى نېمە دېيىشىگە پەرۋا قىلماستىن، بۇ فەتھۇللاھچى تېررورىستلار مەسلىسىنىڭ يىلتىزىنى تولۇق قۇرۇتمىغۇچە كۈرەشتىن ۋاز كەچمەيمىز. ئالدىمىزدىكى مەزگىللەردە فەتھۇللاھچىلارغا قارشى ئىنتايىن مۇھىم بىر زەربە بېرىش ھەركىتىنى ئېلىپ بارىمىز. دوستلىرىمىز تەييارلىقىنى قىلماقتا» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر