بۈگۈن 11 مىليون تۈپ كۆچەت تىكىلىدۇ

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «يېشىل تۈركىيە ئۈچۈن» 81 ۋىلايەتتە 11 مىليون كۆچەتنى تۇپراق بىلەن ئۇچراشتۇرۇش مۇناسىۋىتى بىلەن، ۋەتەنداشلارنىڭ قوللىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1303921
بۈگۈن 11 مىليون تۈپ كۆچەت تىكىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۋىتتېردا «#11مىليون كۆچەت» (#11milyonfidan) خەتكۈچى بىلەن ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى.

ئۇ ئۇچۇرىدا، مىللىي دەرەخ تىكىش كۈنى ئېلان قىلىنغان 11-نويابىردا، 81 ۋىلايەتتە 2023 نۇقتىدا 11 مىليون كۆچەتنى تۇپراق بىلەن ئۇچراشتۇرۇلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «دەرەخ ۋە ئورمان سۆيگۈسىنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئەۋلادلىرىمىزغا تېخىمۇ يېشىل بولغان تۈركىيەنى مىراس قالدۇررۇش ئۈچۈن بارلىق ۋەتەنداشلارنىڭ كۈچلۈك قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر