چاۋۇشئوغلۇ ب د ت باش كاتىپى بىلەن كۆرۈشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېس بىلەن كۆرۈشتى.

1297682
چاۋۇشئوغلۇ ب د ت باش كاتىپى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ، بۈگۈن ئىستانبۇلدا چاقىرىلىدىغان «6 – نۆۋەتلىك ئىستانبۇل مۇرەسسەچىلىك كونفېرانسى» غا قاتنىشىش ئۈچۈن ئىستانبۇلغا كەلگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېس بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «باش كاتىپ بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىمىزدا، سۈرىيە، پەلەستىن ۋە قىبرىس مەسىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق ئۆزگىرىشلەر، ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق لايىھەلىرى ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردۇق.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر