ئەردوغان: رۇسىيە تېررورلۇق تەشكىلاتنىڭ بىخەتەر رايون تەۋەلىكىدىن چىقىرىۋېتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، رۇسىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ سۈرىيەدىكى بىخەتەر رايون تەۋەلىكىدىن تەلتۈكۈس چىقىرىۋېتىلگەنلىكىنى مەلۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

1296731
ئەردوغان: رۇسىيە تېررورلۇق تەشكىلاتنىڭ بىخەتەر رايون تەۋەلىكىدىن چىقىرىۋېتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بەشتەپە مىللەت قۇرۇلتاي ۋە كۈلتۈر مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 29 – ئۆكتەبىر جۇمھۇرىيەت بايرىمى تەبرىك قوبۇل قىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزى جەريانىدا، تۈركىيەنىڭ، سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى تېررورچى ئۇنسۇرلارغا قارشى قىلغان كۈرىشى توغرىسىدا توختىلىپ، «تۈركىيە، مەسىلە دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە تارىخىي مەسئۇلىيىتى بولغاندا (بىرلىرىدىن) ئىجازەت ئېلىپ ئولتۇرماستىن ئۆز ئىمكانىيىتىگە تايىنىپ خالىغىنىنى قىلالايدىغانلىقىنى نامايان قىلدى» دېدى.

ئۇ، خەلقنىڭ يىراقنى كۆرەر قەتئىي پوزىتسىيەسى سايىسىدا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ غايەت زور ياردەملەرگە قارىماي ئۇتۇققا ئېرىشەلمىگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

سۈرىيەگە نېفىت ياكى كۈچ مەركەزلەشتۈرۈش پۇرسىتىنى كۆزلىمەستىن پەقەت ۋە پەقەت ئىنسان، جان، قېرىنداش دەپ قارىغان بىردىنبىر دۆلەتنىڭ تۈركىيە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان ئەردوغان، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بولسا، تېررور مەسىلىسىدە ئىككى يۈزلىمىچى پوزىتسىيەدە بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.

رۇسىيە بىلەن ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم توغرىسىدا توختالغان ئەردوغان، بىخەتەر رايون مەسىلىسىدە، «رۇسىيە، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇ يەردىن تەلتۈكۈس چىقىرىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ھوقۇقلۇق ئورگانلىرىمىزغا يەتكۈزدى. بىر تەرەپتىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، بىر تەرەپتىن رۇسىيە بىلەن 120 ۋە 150 سائەتلىك ھاسىل قىلغان كېلىشىملىرىمىز ئاخىرلاشتى. ئەتە ئىشقا ئاشۇرىدىغان ئۇچرىشىشلىرىمىز بار» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر