ئاقار ئامېرىكا ھەيئىتىنى قوبۇل قىلدى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاقار پايتەخت ئەنقەرەدە ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى روبېرت چارلاس ئوبراين باشچىلىقىدىكى ھەيئەتنى قوبۇل قىلدى.

1289470
ئاقار ئامېرىكا ھەيئىتىنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۇلۇسى ئاقار سۈرىيە كىرىزىسى توغرۇلۇق مۇزاكىرىلەرنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن تۈنۈگۈن پايتەخت ئەنقەرەگە كەلگەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى روبېرت چارلېس ئوبراين ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىنى ھەيئەتنى قوبۇل قىلغان.

يەنە بىر تەرەپتىن،  جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىنمۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى روبېرت ئوبراين باشچىلىقىدىكى ھەيئەتنى قوبۇل قىلغان.

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئۇچرىشىش تەخمىنەن 1 يېرىم سائەت داۋاملاشقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر