سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسى تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتىنى قوللاشنى كۈچەيتمەكتە

سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتىنى قوللىشى داۋام قىلماقتا.

1289640
سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسى تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتىنى قوللاشنى كۈچەيتمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆكتىچى جەڭچىلەردىن تەشكىل تاپقان سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسى، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتىگە ھەمدەم بولۇش ئۈچۈن چېگرا بويىغا ھەربىي قىسىملارنى ئەۋەتتى.

سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسى ئەسكەرلىرى ئولتۇرغان ئاپتوبۇسلار، ئوق – دورا قاچىلانغان يۈك ئاپتوموبىللىرى كىلىستىن غازىئانتەپكە قاراپ يولغا چىقتى.

كۈچلۈك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئاستىدا ئىلگىرىلەۋاتقان ئاپتوبۇس ۋە ئاپتوموبىللارنىڭ سۈرىيە چېگراسىدىكى قىسىملارغا ياردەمچى بولۇشى ئۈچۈن ئەۋەتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر