ئەردوغان «<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» ھەققىدە مۇھىم باياناتلارنى بەردى

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان « ھەربىي ھەرىكىتى» نىڭ نىشانىغا يەتكەنگە قەدەر داۋاملىشىدىغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1288971
ئەردوغان «<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» ھەققىدە مۇھىم باياناتلارنى بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان ئەزەربەيجان زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن تۈركىيەگە قايتىشىدا ئايروپىلاندا مۇخبىرلار بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى جەريانىدا، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەدە «فىرات دەرياسى» نىڭ شەرقىي قىسمىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان «<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» جەريانىدا پۇقرالارنىڭ زىيانغا ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ ھەرىكىتىمىز پۈتۈنلەي تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىلا نىشان قىلىدۇ. جۈملىدىن چېگرا لىنىيەلىرىمىزنى ھەر تۈرلۈك تېررورلۇق ئۇنسۇرلىرىدىن تازىلاش، كۆچمەنلەرنىڭ ئۆز رازىلىقى بىلەن يۇرتىغا بىخەتەر ھالدا قايتىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى نىشان قىلىدۇ.  بۇ ھەرىكىتىمىز ئۇلۇغۋار نىشانىمىزغا يەتكەنگە قەدەر دۋاملىشىدۇ. تېخى يېقىنغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  ي پ گ/پ ك ك ئەمدىلىكتە سۈرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن كېلىشىم تۈزۈش يولىدا ئىزدىنىۋاتىدۇ. مەن غەرب ئەللىرىگە شۇنداق سوئال سورىماقچىمەن؛ <سىلەرنىڭ ھەقىقىي ئىتتىپاقدىشىڭلار زادى كىم؟ تۈركىيەمۇ؟ ياكى پ ي د – ي پ گ مۇ؟ ۋەياكى دائېشمۇ؟  پ ي د – ي پ گ سۈرىيەدىكى تۈرمىدىن دائېشچىلارنى قويۇپ بەرسە نېمىشقا سۈكۈت قىلىسىلەر؟>»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مۇخبىرلارنىڭ «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ سۈرىيەدىكى دائېشچى تۇتقۇنلارنى تۈركىيەنىڭ ئۆتكۈزۈۋېلىشىنى تەلەپ قىلىۋاتامدۇ قانداق؟» تەرىقىسىدىكى سوئالىغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «دائېشچىلار قامالغان تۈرمىلەر پەقەت رەققەدىلا ئەمەس، سۈرىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدىمۇ بار. دائېشچى تۇتقۇنلارنى ئۆتكۈزۈۋېلىشىمىز مۇمكىن. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، ئۇلار قامالغان تۈرمىلەرنى تۈرمە دېيىش قيىن. چەت ئەللىك ئۇرۇش قىلغۇچىلارنى ئۆز دۆلەتلىرىگە قايتۇرارمىز. ياۋروپا ئەللىرى يەنە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، فىرانسىيە <ئۇلارنى بىزگە يوللىماڭلار> دەيدۇ، گېرمانىيەمۇ شۇنداق دەيدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن تۈرمىلەردە سوت مەھكىمىلىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۇلارنى سوتلاشقا باشلايمىز. بۇ چېگرالارنىڭ سىرتىدىكىلىرىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسى ھەققىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئوبدان ئويلىنىشى كېرەك. ساھەدىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە ماس قەدەمدە ھەرىكەت قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكا ۋە رۇسىيە بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈۋاتىمىز.  بۇ ھەقتە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ ۋە فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون بىلەنمۇ ئالدىنقى كۈنى كەچتە تېلېفوندا كۆرۈشتۈم،  ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ <ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى تۈزۈڭلار، بىزمۇ سۆھبەت ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن مۇرەسسەچىلىك قىلايلى> تەرىقىسدىكى تەكلىپىگە قارىتا، «بىز تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزمەيمىز> دەپ جاۋاب بەردىم. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا ئوخشىغان بىر دۆلەتنىڭ بىر تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىگە ئوخشىغان بىر ئىتتىپاقدىشى ئارىسىغا سوقۇنۇپ كىرىشىنى مەن سىياسەت ئىلمىي جەھەتتىنمۇ، ئۇرۇش قانۇنىي جەھەتتىنمۇ توغرا دەپ قارىمايمەن. بۇنى ترامپقىمۇ ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا ئېيتتىم.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر