«تىنچلىق بۇلىقى» ھەربىي ھەرىكىتىگە دائىر ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ، تۈركىيەنىڭ جەنۇبىي چېگراسىدا پەيدا قىلىنماقچى بولغان تېررور كارىدورىنى يوقىتىپ تاشلاپ، رايونغا تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىك ئېلىپ كېلىش مەقسىتىدە باشلىغان تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى 6 كۈنىگە قەدەم قويدى.

1287379
«تىنچلىق بۇلىقى» ھەربىي ھەرىكىتىگە دائىر ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ، تۈركىيەنىڭ جەنۇبىي چېگراسىدا پەيدا قىلىنماقچى بولغان تېررور كارىدورىنى يوقىتىپ تاشلاپ، رايونغا تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىك ئېلىپ كېلىش مەقسىتىدە سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ي پ گ / پ ك ك ۋە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى باشلىغان، سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسى ئەسكەرلىرى قوللاپ – قۇۋۋەتلىگەن تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى 6 كۈنىگە قەدەم قويدى، شۇنداقلا غەلىبىلىك داۋام قىلماقتا.

تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ / پ ك ك تېررورچىلىرى بىلەن شىددەتلىك توقۇنۇشقاندىن كېيىن تەل ئابياد ناھىيە مەركىزىنى تولۇق شەكىلدە قولغا كىرگۈزدى.

تەل ئابياد، ھەرىكەت باشلىغاندىن بۇيان قولغا كىرگۈزۈلگەن ئىككىنچى ناھىيە مەركىزى بولدى.

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ / پ ك ك، شانلىئۇرفانىڭ ئاقچاقەلئە ناھىيەسىنىڭ سۈرىيە تەرىپىگە جايلاشقان تەل ئابياد ناھىيەسىنى 2015 – يىلى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ياردىمى سايىسىدا قولغا كىرگۈزگەنىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى جەريانىدا بىر تەرەپ قىلىنغان پ ك ك / پ ي د –ي پ گ تېررورچىلىرىنىڭ سانى 550 كە يەتتى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، «فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدە پىلان بويىچە غەلىبىلىك داۋاملىشىۋاتقان تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى جەريانىدا بىر تەرەپ قىلىنغان جەمئىي پ ك ك / پ ي د –ي پ گ ئەزاسى تېررورچى سانى 550 بولدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر