ئەردوغان: ھەربىي ھەرىكەتتىن ۋاز كەچمەيمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سۈرىيەدە «فىرات دەرياسى» نىڭ شەرقىي قىسمىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  ي پ گ-پ ي د/پ ك ك غا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان « ھەربىي ھەرىكىتى» دىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1286725
ئەردوغان: ھەربىي ھەرىكەتتىن ۋاز كەچمەيمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئىستانبۇلدىكى دولماباھچە سارىيىدا  ئۆتكۈزۈلگەن 3 – نۆۋەتلىك «تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش ۋە رايونلۇق دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش» تېمىلىق پارلامېنت باشلىقلىرى يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، تۈركىيەنىڭ ئۇدا 35 يىلدىن بۇيان تېررورىزم ۋاباسىغا قارشى ئىزچىل  كۈرەش قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە بىز ئوخشىمىغان ئىسىملار بىلەن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ھىممىسىنىڭ نىشانى دۆلىتىمىزنىڭ بىرلىك ۋە باراۋەرلىكىگە، ھۇزۇرى ھەم پاراۋانلىقىغا زىيان يەتكۈزۈش بولغان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا دۇچ كېلىۋاتىمىز. تۈركىيە بىلەن يۈزتۇرانە ھېسابلىشىشقا جۈرئەت قىلالمايۋاتقان كۈچلەر بۇ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى قوللاپ كەلمەكەتە. چېگرا رايونلىرىمىزنىڭ سىرتىدا تەربىيەلەنگەن بۇ تېررورچىلار پۇرسەت تاپسىلا پۇقرالىرىمىزنىڭ ھۇزۇرىغا، دۆلىتىمىزنىڭ پۈتۈنلۈكىگە تەھدىت سېلىۋاتقان قانلىق ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا. شۇڭا تېررورچىلارنىڭ دەرۋازىمىز ئالدىغا كېلىشىنى كۈتۈشنىڭ ئورنىغا ئۆز جايدا بىر تەرەپ قىلىۋېتىشىنى قارارلاشتۇردۇق. بۇ مەقسەتتە، چېگرا رايونلىرىمىزنىڭ سىرتىدا ئۇۋا ياسىۋالغان بۇ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى ئۆز ئۇۋىسىدا ئۇجۇقتۇرۇۋېتىش ئىستىراتېگىيەسىنى تۈزۈپ چىقتۇق. تۈركىيە قوشنا ئەللەرنىڭ ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھەمىشە ھۆرمەت قىلىدۇ؛ ئەمما بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى بۇ ئەللەر تەرىپىدىن دۆلىتىمىزنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىماسلىقى، دۈشمەنلەرچە پائالىيەتلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلماسلىقىدۇر. بىزنىڭ بۇ كۈرىشىمىز كوردلارنى ئەمەس، ئەكسىچە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى نىشان قىلىدۇ. كوردلار بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىزدۇر. مەيلى پ ي د بولسۇن، مەيلى ي پ گ بولسۇن، مەيلى دائېش بولسۇن ھەممىسى تېررورلۇق تەشكىلاتىدۇر. بۇ ھەقتە قولىمىزدا يېتەرلىك دەرىجىدە دەلىل – ئىسپاتلار ھەم ھۆججەتلەر باردۇر.»

تېررورچىلارنىڭ توپقا تۇتۇشى نەتىجىسىدە بىر ياشلىق سۈرىيەلىك بىر بوۋاقنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تېررورچىلارنىڭ ھۇجۇملىرىدا بىزنىڭ خەلقىمىزدىنمۇ 10 غا يېقىن كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى يۈزلەرچە كىشى ئۆلتۈرۈلدى. ئەھۋال ئەنە شۇنداق تۇرسا، بىز قاچانغىچە كۈتىمىز؟ خەلقىمىزنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كۈتۈپ تۇرالمايمىز. تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، 911 كىلومېتىرلىق چېگرا لىنىيەمىزدىكى، سۈرىيە ھۆكۈمىتىمۇ قوبۇل قىلمايۋاتقان پ ي د، ي پ گ گە قارشى تاشلىغان بۇ قەدىمىزدىن ئەسلا ۋاز كەچمەيمىز. <بۇ  ھەرىكىتىڭىزنى توختىتىڭ> دەپ ئۇياق – بۇياقتىن بىزگە تەھدىتلەر كېلىۋاتىدۇ. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپقىمۇ، باشقا رەھبەرلەرگىمۇ <ئەگەر سىلەر بىزنىڭ بۇ ھەرىكىتىمىزنى توختىتالىساڭلار توختىتىڭلار» دېدۇق. ئەمما ئۇلار بىزنى توختىتالىغىنى يوق. جۈملىدىن بىز ئۆزىمىزنىڭ مەسىلىسىنى ئۆزىمىز ھەل قىلىمىز، شۇڭا بۇ مەقسەتتە ئاتلانغان سەپىرىمىزدىن ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرمىگۈچە ئەسلا قايتمايمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر