چاۋۇشئوغلۇ: سۈرىيەدە ئېلىپ بارىدىغان ھەربىي ھەرىكەت خەلقئارا قانۇندا بەلگىلەنگەن ھەق - ھوقۇقىمىزدۇر

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ سۈرىيەدىكى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/ پ ك ك غا قارشى تۈركىيە ئېلىپ بارىدىغان ھەربىي ھەرىكەتنىڭ خەلقئارا قانۇندا بەلگىلەنگەن ھەق – ھوقۇقى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1284798
چاۋۇشئوغلۇ: سۈرىيەدە ئېلىپ بارىدىغان ھەربىي ھەرىكەت خەلقئارا قانۇندا بەلگىلەنگەن ھەق - ھوقۇقىمىزدۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئالجىرىيەدىكى رەسمىي زىيارىتى جەريانىدا، سۈرىيەدە فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىنى ماكان تۇتقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى ئېلىپ بېرىلماقچى بولغان ھەربىي ھەرىكەت ئۈستىدە توختالدى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى سۈرىيەنى بۆلۈش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيمىز. خەلقئارا قانۇن دائىرىسىدە، ب د ت، سۈرىيە ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرگە مەلۇمات بېرىمىز. بۇ رايوننىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم بىر ھەرىكەت. تۈركىيە ۋە رايوندىكى كۆچمەنلەرنىڭمۇ ئۆزلىرى خالىغان شەكىلدە ۋەتەنلىرىگە قايتىشى ئىشقا ئاشىدۇ. بىرلا نىشانىمىز ئۇ يەردىكى تېررورچىلاردۇر» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر