مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ سۈرىيە چېگراسىدا بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرغان ئەسكەرلەرگە رىغبەت بەردى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ سۈرىيە چېگراسىدا سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/ پ ك ك غا قارشى ھەرىكەت باشلاشنى  كۈتۈپ تۇرغان ئەسكەرلەرگە رىغبەت بەردى.

1284057
مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ سۈرىيە چېگراسىدا بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرغان ئەسكەرلەرگە رىغبەت بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/ پ ك ك نىشانلىرىغا قارىتا باشلىنىش ئالدىدا تۇرغان ھەربىي ھەرىكەتتىن ئىلگىرى ھەربىي فورما كېيگەن رەسىمىنى ھەمبەھىرلىشىپ، چېگرادىكى ئەسكەرلەرگە رىغبەت بەردى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدە باشلىنىش ئالدىدا تۇرغان ھەربىي ھەرىكەتتىن ئىلگىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇ بېتى ئىنستاگرامدا ھەربىي فورمىسى بىلەن رەسىمىنى ھەمبەھىرلىشتى ۋە تۈركىيە قىسىملىرىغا رىغبەت مەنبەسى بولدى.

نامىق كامالنىڭ ۋەتەن ناخشىسى ناملىق شېئىرىدىن،

«ئەجدادىمىز پۈتۈن جاھانغا تۇنۇلغاندۇر،

تەبىئىتىمىزنى ئۆزگىرىدۇ

دەپ ئويلاپ قالما ھەرگىز!

بۇ قان يەنە شۇ كونا قاندۇر»

دېگەن مىسرالىرىغا ئۆزىنىڭ ھەربىي فورما كېيگەن رەسىمىنى قوشۇپ ھەمبەھىرلەشكەن مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ ئۇچۇرىنى ئون مىڭىلغان ئەگەشكۈچىسى تەڭ ھەمبەھىرلەشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر