دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ھەربىي ھەرىكەت تەييارلىقىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيەنىڭ، سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدە ئېلىپ بارىدىغان زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ بارلىق تەييارلىقلىرىنى پۈتكۈزگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1283869
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ھەربىي ھەرىكەت تەييارلىقىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئۇقتۇردى
tsk asker.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، «رايونىمىزنىڭ مۇقىملىقى ۋە خاتىرجەملىكىگە ھەسسە قوشۇپ، سۈرىيەلىكلەرنىڭ خاتىرجەم ياشاش مۇھىتىغا ئېرىشىشى ئۈچۈن بىخەتەر رايون / تىنچلىق كارىدورى قۇرۇش زۆرۈردۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

باياناتتا، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ تۈركىيە چېگرالىرىدا تېررور كارىدورى شەكىللەندۈرۈلۈشىگە قەتئىي يول قويمايدىغانلىقى تەكىتلىنىپ، ھەرىكەتنىڭ بارلىق تەييارلىقلىرىنىڭ تاماملانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ يەنە بىر تىۋىتتېر ئۇچۇرىدا بولسا، «تۈركىيە ئارمىيەسى ۋەتىنىمىزنىڭ پۈتۈنلۈكىگە، دۆلىتىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا، 82 مىليون خەلقىمىزنىڭ ئامانلىق / خاتىرجەملىكىگە خەۋپ – خەتەر بولۇۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتىلىرىغا قارشى ئالىيجاناپ مىلىتىمىزنىڭ سۆيگۈسى، ئىشەنچىسى ۋە دۇئاسىدىن كۈچ ھاسىل قىلىپ، <ئۆلسەم شېھىت، قالسام غازى> چۈشەنچىسى بىلەن كۈرەش قىلىشقا تەيياردۇر» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر