تۇنجەلىدە ئىككى تېررورىست بىر تەرەپ قىلىندى

ھاۋا ياردىمىدە تۇنجەلى ئەتراپىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتتە، ئىككى تېرروىست بىر تەرەپ قىلىندى.

1282897
تۇنجەلىدە ئىككى تېررورىست بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۇنجەلىدە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتقا ئاساسلانغاندا، ئىچكى خەۋپسىزلىكنى قوغداش ھەرىكەتلىرى دائىرىسىدە، تۇنجەلى ۋىلايەتلىك قوراللىق ساقچى قىسىم قوماندانلىق ئىشتابى ھاۋا ياردىمىدە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغان. ھەرىكەتتە ئىككى تېررورىست بىر تەرەپ قىلىنغان.

تۇنجەلى ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ۋىلايەتلىك قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ شەھەر ئەتراپىدا ھۇجۇم تەييارلىقىنى قىلىۋاتقان تېررورىستلارغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغانلىقى ئەسكەرتىلدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«ھاۋا ياردىمىدە ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتتە، ئالاھىدە قوراللىق ساقچى قىسىم ئەترىتى ئىككى تېررورىستنى بىر تەرەپ قىلدى. ۋىلايىتىمىزدە تېررورىستلارنى تۇتۇش ۋە بىر تەرەپ قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەر قەتئىيلىك بىلەن داۋام قىلماقتا.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر