«تۈركىيەنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزدا يولغا قويۇۋاتقان مۇقىملىق سىياسىتى ئۆزگەرمەيدۇ»

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس  فۇئات ئوكتاي تۈركىيەنىڭ  شەرقىي ئاقدېڭىزدا تىنچلىقنى قوغداش يولىدا يولغا قويۇۋاتقان  مۇقىملىق سىياسىتىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1273099
«تۈركىيەنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزدا يولغا قويۇۋاتقان مۇقىملىق سىياسىتى ئۆزگەرمەيدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوكتاي «شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى ساياھەت ھەمكارلىقى پائالىيەتلىرى» مۇناسىۋىتى بىلەن تۈنۈگۈن پايتەخت ئەنقەرەدە بېرىلگەن زىياپەتتە قىلغان سۆزىدە، قىبرىس مەسىلىسى تىلغا ئېلىنىشقا باشلىغان شۇ كۈنلەردە تۈركىيەنىڭ پوزىتسىيەسىنىڭ ئىنتايىن ئېنىق ھەم كەسكىن ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «قىبرىس مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىن مەقسەت،  ئارالدا ئۇزاق مەزگىللىك تىنچلىق ئورنىتىش ۋە ئادىل  سىياسىي باراۋەرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتۇر. بىزگە نىسبەتەن مۇھىم بولغىنى، مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنىڭ ئىسمى ئەمەس، ئەكسىچە قىبرىس تۈركلىرىنىڭ سىياسىي باراۋەرلىككە ۋە قارار چىقىرىش مىخانىزملىرىغا پائال قاتنىشىش ھوقۇقىغا ئېرىشىشى، پاراۋانلىقتىن بەھرىمەن بولۇشى ۋە بىخەتەرلىكىنىڭ كاپالەت ئاستىغا ئېلىنىشىدۇر.»

رۇم تەرەپنىڭ ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بىر تەرەپلىمىلىك گىدروكاربون پائالىيەتلىرىگە قارىتا ساھەدە ئەمەلىيەت ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇرۇلغانلىقىنى ئېيتقان ئوكتاي، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «شەرقىي ئاقدېڭىزدا تىنچلىقنى قوغداش يولىدا يولغا قويۇۋاتقان  مۇقىملىق سىياسىتىمىز ئۆزگەرمەيدۇ. تۈركىيە قىبرىس تۈركلىرىنى ھېچقاچان يالغۇز تاشلاپ قويغان ئەمەس، ئەكسىچە باشتىن تارتىپلا ئۇلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرى ھەم مەنپەئەتلىرىنى قوغداش يولىدا ھەر تۈرلۈك تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ كەلمەكتە. ھازىرغىچە يولغا قويۇۋاتقان سىياسىتىمىز ھەم ئىشلەۋاتقان خىزمىتىمىزنى تاكى قىبرىس تۈركلىرى ئۆزلىرىنىڭ پاراۋانلىق ھوقۇقىغا ئىېرىشكەنگە قەدەر داۋاملاشتۇرىمىز، ئىزچىل تۈردە كەڭ دائىرىلىك لايىھەلەرنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر