فۇئات ئوكتاي دۇنيا بانكاسىنىڭ تۈركىيە دىرېكتورىنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىس ياردەمچىسى فۇئات ئوكتاي دۇنيا بانكاسىنىڭ تۈركىيە دىرېكتورى ئاۋگۇست تانو كوۋمى (Auguste Tano Kouame) نى جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا قوبۇل قىلدى.

1263036
فۇئات ئوكتاي دۇنيا بانكاسىنىڭ تۈركىيە دىرېكتورىنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ياردەمچىسى فۇئات ئوكتاي دۇنيا بانكاسىنىڭ تۈركىيە دىرېكتورى ئاۋگۇست تانو كوۋمىنى قوبۇل قىلدى.

كۆرۈشۈش جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا بىر سائەت داۋاملاشتى. فۇئات ئوكتاي كوۋمىدىن دۇنيا مىقياسىدا سودا قىلىش مۇھىتىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم كۆرسەتكۈچ ھېسابلىنىدىغان «سودا ئاسانلىقى» خىزمەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك مەلۇمات ئالدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر