تۈركىيە ئارمىيەسى چېگرا سىرتىدا يەنە بىر تۈركۈم تېررورچىلارنى ئۇجۇقتۇردى

تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى خاكۇرك رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ 5 ئەزاسىنى بىر تەرەپ قىلدى.

1262020
تۈركىيە ئارمىيەسى چېگرا سىرتىدا يەنە بىر تۈركۈم تېررورچىلارنى ئۇجۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى بىلەن ئۆزئارا ھەمكارلاشقان ئاساستا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن ئىراقنىڭ شىمالىدىكى خاكۇرك رايونىدا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ 5 ئەزاسىنى ئۇجۇقتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر