ئەردوغان: قىرىمنىڭ قانۇنسىز ھالدا رۇسىيەگە قۇشۇۋىلىنىشىنى ئېتىراپ قىلمايمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قىرىمنىڭ قانۇنسىز ھالدا رۇسىيەگە قۇشۇۋىلىنىشىنى تۈركىيەنىڭ ئېتىراپ قىلمىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1249778
ئەردوغان: قىرىمنىڭ قانۇنسىز ھالدا رۇسىيەگە قۇشۇۋىلىنىشىنى ئېتىراپ قىلمايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسلىك كۈللىيەسىدە رەسمى زىيارەت ئۈچۈن ئەنقەرەگە يېتىپ كەلگەن ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنىسكىي بىلەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىردى.

ئەردوغان: «تۈركىيە قىرىمنىڭ قانۇنسىز ھالدا رۇسىيەگە قۇشۇۋىلىنىشىنى ئېتىراپ قىلمىغان ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئېتىراپ قىلمايدۇ» دېدى.

ئەردوغان يەنە مۇنداق دېدى:

ئىرقداشلىرىمىزنىڭ تارىخىي ئانا ۋەتەنلىرى قىرىمدىكى مەۋجۇتلۇقىنىڭ داۋاملىشىشى، كىملىكلىرى ۋە كۈلتۈرلىرىنىڭ قوغدىلىنىشى، ھەق ھوقۇق ۋە ھۆررىيەتلىرىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى ئالدىنقى قاتاردىكى ئىشىمىز بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ»

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسىكىيمۇ تۈركىيەنىڭ قىرىم مەسلىسىگە قاراتقان سىياسىتى يۈزسىدىن ئەردوغانغا ئالاھىدە رەخمەت ئېيتتى.

زېلېنىسكىي: «ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىگە دائىر ئۆزگەرمەس پوزىتسىيەيىڭىز ئۈچۈن تۈركىيەگە رەخمەت ئېيتىمەن» دېدى.

تۈركىيەنى ياخشى بىر قوشنا، سەمىمىي دوست ۋە مۇھىم ئىستىراتېگىيەلىك شېرىك دەپ، تەرىپلىگەن زېلېنسىكىي تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرگە زور ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى ۋە «تۈركىيەنىڭ سودا سانائەت ساھەسىنى ئۇكرائىناغا تەكلىپ قىلىمەن، خاتىرىجەم پائالىيەت قىلالىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە ئۆز نامىمدىن كاپالەت بېرەلەيمەن» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر