نىگېرىيەدە يەنە 4 تۈركىيە پۇقراسى گۆرۈگە ئېلىۋېلىندى

نىگېرىيەدە 4 تۈركىيە پۇقراسى سالاھىيىتى نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىۋېلىندى.

1239515
نىگېرىيەدە يەنە 4 تۈركىيە پۇقراسى  گۆرۈگە ئېلىۋېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرىدىن نىگېرىيەدە 4 تۈركىيە  پۇقراسى  سالاھىيىتى نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىۋېلىندى.

ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نىگېرىيەنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان لىرون ۋىلايىتىدە جۈمە كەچتە 4 تۈركىيە پۇقراسى گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان.

تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ پۇل ئۈندۈرۈۋېلىش ئۈچۈن گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن خەۋەردە يەنە، گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغۇچىلارنى قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

نىگېرىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە ئۆتكەن  ھەپتە قوراللىق بىر تۈركۈم زوراۋانلار 18 تۈرك خادىم ئىشلەيدىغان بىر كېمىگە ھۇجۇم قىلىپ، 10 تۈركىيە پۇقراسىنى ئېلىپ قاچقانىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر