تۈركىيەنى «F-35» پىروگراممىسىدىن چىقىرىۋېتىش ناتوغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار تۈركىيەنىڭ «F-35» پىروگراممىسىدىن چىقىرىلىۋېتىشىنىڭ، ناتونىڭ بولۇپمۇ جەنۇبىي قانىتىدىكى كۈچىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1238704
تۈركىيەنى «F-35» پىروگراممىسىدىن چىقىرىۋېتىش ناتوغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار، ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقى ياشار گۈلەر، قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانى ئۈمىت دۈندار، دېڭىز ئارمىيە قوماندانى ئادنان ئۆزبال ۋە ھاۋا ئارمىيە قوماندانى ھاسان كۈچۈكئاكيۈز بىلەن سۈرىيە چېگراسىدىكى ھەربىي قىسىملارنى تەكشۈرۈشتە بولغاندىن كېيىن، ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ كۈنتەرتىپ ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۇ ئامېرىكانىڭ تۈركىيەنى «F-35» پىروگراممىسىدىن چىقىرىۋېتىش قارارى ئۈستىدە توختىلىپ، تۈركىيەنىڭ ناھايىتى ئېغىر بولغان ھاۋا ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەھدىتلىرى ئاستىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ 2000-يىللارنىڭ بېشىدىن تارتىپ داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن يىراق مۇساپىلىق رايون خاراكتېرلىك ھاۋا ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى سېتىۋېلىش خىزمەتلىرىگە ئىستراتېگىيەلىك ئورتاق بولغان ئامېرىكانىڭ بەرگەن جاۋابلىرىنىڭ، بەكلا كېچىككەنلىكىنى ۋە قانائەتلىنەرلىك بولمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«بۇ دائىرىدە <S-400> سېتىۋېلىش، تاللاش مەسىلىسى بولۇشتىن ھالقىپ مەجبۇرىيەتكە ئايلاندى. <F-35> لايىھەسىنىڭ مۇھىم شېرىكى بولغان ۋە بارلىق مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلغان تۈركىيەنىڭ بىر تەرەپلىمىلىك، شۇنداقلا ئادىل بولمىغان قارار بىلەن لايىھە ھەمدە ھەسسىلىرىدىن چىقىرىۋېتىشكە ئۇرۇنۇشنىڭ، بىر يوللۇق سەۋەبكە تايانمىغانلىقى ناھايىتى ئېنىق.»

ئۇ ئامېرىكا تەرەپ ئېلان قىلغان باياناتلارنىڭ بىر تەرەپلىمە ئىكەنلىكىنى، ئىتتىپاقداشلىق روھىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: « F-35پىروگراممىسىدىن چىقىرىۋېتىلىشىمىز، ناتونىڭ بولۇپمۇ جەنۇبىي قانىتىدىكى كۈچىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئامېرىكانىڭ بۇ قارارىدىن ۋاز كېچىشىنى ۋە مۇناسىۋەتلىرىمىزگە زىيان سالىدىغان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشنى كۈتۈش، ئىستراتېگىيەلىك شېرىك بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئەڭ ئەقەللىي ھەق-ھوقۇقىمىزدۇر» دېدى.


خەتكۈچ: #S-400 , #F-35 , #ئاكار

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر