ئەردوغان ئىراقتىن كەلگەن يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ھەيئەتنى قوبۇل قىلدى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈن پايتەخت ئەنقەرەگە كەلگەن ئىراق ھەيئىتىنى قوبۇل قىلدى.
1233699
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئىراق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد ئەلى ئەلھەكىم، مۇداپىئە مىنىستىرى نەجاھ ئەششەممەرى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى باشلىقى مۇستافا ئەلكازىمىنى كۈتۈۋالدى.
جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئۇچرىشىشقا تۈركىيە تەرەپتىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار ۋە مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى باشلىقى خاقان فىدان قاتارلىقلار قاتناشتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى
ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك ئەزاسى ئۈچ تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.