قالىن رۇسىيەنىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلىنى قوبۇل قىلدى

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى ئالېكساندېر لاۋرېنتيېۋنى قوبۇل قىلدى.

1233794
قالىن رۇسىيەنىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلىنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە تۈنۈگۈن ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئۇچرىشىشتا، سۈرىيە مەسىلىسىگە دائىر ئەڭ يېڭى ئەھۋاللار مۇزاكىرە قىلىندى.

تۈركىيەنىڭ مىللىي خەۋپسىزلىككە ئالاقىدار ئالدىنقى ئورۇندىكى سىياسەتلىرى روشەن شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۇچرىشىشتا، ئىدلىب كېلىشىمىنىڭ ساقلىنىپ قېلىنىشى، ئاساسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ قۇرۇلۇپ ئېلان قىلىنىشى، سۈرىيە مىقياسىدا تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قىلىش، بىخەتەر رايون، دائېش، پ ك ك/ي پ گ/ پ ي د قاتارلىق بارلىق تېررورچى ئۇنسۇرلارغا قارشى كۈرەش، سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ساقلاپ قالىدىغان شەكىلدە سىياسىي چارە تېپىش ۋە سۈرىيەنىڭ قايتىدىن قۇرۇپ چىقىلىشى دېگەندەك مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

يېقىن زاماندا ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى پىلانلىنىۋاتقان سۈرىيە مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئۈچ تەرەپ (تۈركىيە، رۇسىيە، ئىران) باشلىقلار يىغىنى ۋە ئارقىدىنلا چاقىرىلىدىغان تۆت تەرەپ (تۈركىيە، رۇسىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە) باشلىقلار يىغىنىنىڭ كۈنتەرتىپى ۋە ۋاقتىمۇ مۇزاكىرە قىلىندى.

ئۇچرىشىشتا، تۈركىيەنىڭ خەۋپسىزلىك جەھەتتىكى قايغۇلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقى ۋە رايوننىڭ بارلىق تېررورچى گۇرۇپپىلاردىن خالىيلاشتۇرۇلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئىككى دۆلەتنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىدىكى ھەمكارلىقىنىڭ ئۆزئارا ئىشەنچ ۋە ئوچۇق – ئاشكارا بولۇش پىرىنسىپى بويىچە داۋاملاشتۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەنگەن ئۇچرىشىشتا، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ۋە رۇسىيە فېدېراتسىيەسى رەھبەرلىرىنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىدىكى پائال ۋە ئىزچىل ئالاقىسىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر