شىرناقتا بىر تۈركۈم تېررورچىلار بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، تۈركىيە خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ شىرناقتا تېررورچىلارغا ئېغىر زەربە بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

1219242
شىرناقتا بىر تۈركۈم تېررورچىلار بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىرناقنىڭ ئىدىل ناھىيەسىگە قاراشلىق جەھەننەم دەرەسى رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 8 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ۋىلايەتلىك قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ ئىچكى بىخەتەرلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ھەرىكەتلىرى دائرىسىدە شىرناقنىڭ ئىدىل ناھىيەسىگە قاراشلىق جەھەننەم دەرەسى رايونىدا ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، 8 تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر