ئاغرىدا 2 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى
تۈركىيە ئامانلىقنى ساقلاش كۈچلىرىنىڭ ئاغرى شەرقىي بەيازىت ئەتراپىدا ئېلىپ بارغان ھەرىكىتىدە 2 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى.
1213923
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىچكى بىخەتەرلىكنى قوغداش ھەرىكەتلىرى دائىرىسىدە، ئاغرى شەرقىي بەيازىت ئەتراپىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەت جەريانىدا، 2 تېررورچىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا رايوندىكى ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.