خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان بىر تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى

تۈركىيە خەۋپسىزلىك كۈچلىرى سىئىرتنىڭ تىللو ناھىيەسىگە قاراشلىق تاغلىق رايوندا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى.

1209646
خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان بىر تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سىئىرتنىڭ تىللو ناھىيەسىگە قاراشلىق تاغلىق جايدا ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە بىر تەرەپ قىلىنغان 2 تېررورچىنىڭ بىرىنىڭ، سېرىق رەڭلىك تىزىملىكتىكى ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان نائىف مەرال ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، ئىچكى بىخەتەرلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ھەرىكەتلىرى دائىرىسىدە، ۋىلايەتلىك ژاندارما قوماندانلىقىنىڭ سىئىرتنىڭ تىللو ناھىيەسى چىنارلىسۇ يېزىسى تاغلىق رايونىدا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا ئەزا 2 تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچىلاردىن بىرىنىڭ ئىسمى سېرىق رەڭلىك تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن، مەلۇم قىلغۇچىلارغا 600 مىڭ تۈرك لىراسى سۆيۈنچە بېرىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان ئاتالمىش شەيخ ئۆمەر تېغى گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى «فەرمان گابار» تەخەللۇسلۇق نائىف مەرال ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر