ئەنقەرە، س - 400 مەسىلىسىدە ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەگە مۆھلەت بەرگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى

ئەنقەرە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تۈركىيەگە رۇسىيەدىن س -400 ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى سېتىۋېلىش مەسىلىسىدە ئالدىمىزدىكى ئاينىڭ بېشىغىچە مۆھلەت بەرگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى.

1206526
ئەنقەرە، س - 400 مەسىلىسىدە ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەگە مۆھلەت بەرگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياردەمچىسى ياۋۇز سەلىم قىران، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تۈركىيەگە رۇسىيەدىن س -400 ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى سېتىۋېلىش مەسىلىسىدە ئالدىمىزدىكى ئاينىڭ بېشىغىچە مۆھلەت بەرگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى.

ياۋۇز سەلىم قىران، ئامېرىكىدىكى زىيارىتى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىش ئۈچۈن تۈرك تاراتقۇ مەنسۇپلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

ئۇ، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىدا تۈركىيەنىڭ رۇسىيەدىن س -400 ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى سېتىۋېلىشىغا قارشى قوبۇل قىلىنغان قارار لايىھەسى توغرىسىدا توختىلىپ، «بۇ قارار لايىھەسى بىلەن بىرلىكتە، ئامېرىكىدا س -400 ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ پەرقلىق بىر نۇقتىدا مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى ئەپسۇسلىنىش ئىچىدە كۆرمەكتىمىز» دېدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياردەمچىسى ياۋۇز سەلىم قىران، كۆرۈشكەن ئالتە پالاتا ئەزاسىغا، ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەنىڭ ھاۋا مۇداپىئە ئېھتىياجىغا جاۋاب بەرمىگەنلىكىنى، تۈركىيەنىڭ س -400 سېتىۋېلىشتىكى ئېھتىياجى، بۇ مۇساپىنىڭ پەردە ئارقىسى، بۇنى سېتىۋېلىشنىڭ ۋاشىنگتون بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەتلەرگە تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرگەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈپ، «بۇ خىل ئارقا كۆرۈنۈشلەر دائىرىسىدە سېناتورلار ۋە پالاتا ئەزالىرىنىڭ پات – پاتلا ھەيران قالغانلىقىنى، بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتىن ۋاقىپ ئەمەسلىكلىرىنى كۆردۇق» دېدى.

تۈركىيەنىڭ س -400 ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى سېتىۋېلىش مەسىلىسىدە ئامېرىكىنىڭ سەزگۈرلۈكلىرىنىڭمۇ نەزەرگە ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن مىنىستىر ياردەمچىسى قىران، ئامېرىكا رەھبەرلىكىنىڭ، بۇ ساھەدىكى بىر تېخنىك گۇرۇپپىسىنىڭ تەكلىپكە ھازىرغىچە جاۋاب قايتۇرمىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ياۋۇز سەلىم قىران، ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدا ئورۇن ئالغان «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تۈركىيەگە س -400 سېتىۋېلىش مەسىلىسىدە ئىيۇن ئېيىنىڭ بېشىغىچە قارار قىلىشى ئۈچۈن مۆھلەت بەرگەنلىكى» توغرىسىدىكى بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، «بىزگە رەسمىي شەكىلدە بۇنداق بىر ئىش مەلۇم قىلىنمىدى» دېدى.

تۈركىيەنىڭ س -400 مەسىلىسىدە ھازىرمۇ ئوخشاش نۇقتىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن قىران، بۇنىڭ نۆۋەتتە تاماملىنىپ بولغان بىر كېلىشىم ئىكەنلىكىنى ۋە ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەرنى چېنىقتۇرۇشۇش خىزمەتلىرىنىڭ باشلىنىپ بولغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر