تۈركىيە ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ «ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋەتلىرىگە دائىر ئەندىشە» ئوتتۇرىغا قويۇلغان قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

1206857
تۈركىيە ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاقسوي، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىدا قوبۇل قىلىنغان «ئامېرىكا – تۈركىيە ئىتتىپاقىغا ئالاقىدار ئەندىشىلەرنىڭ بايانى» قارارىنىڭ ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋەتلىرىگە ياراشمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ھامى ئاقسوي مەزكۇر قارار توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى؛ ئۇ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى تۈركىيەگە قارشى قاتلاملارنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتكەنلىكىنىڭ ھېس قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىدا قوبۇل قىلىنغان <ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى – تۈركىيە ئىتتىپاقىغا ئالاقىدار ئەندىشىلەرنىڭ بايانى> تېمىلىق قارار بۇنىڭ يېڭى بىر ناماياندىسى بولدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئورتاق قىممەت – قاراشلار ۋە ئۆزئارا مەنپەئەتلەرنى تايانچ قىلغان ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋەتلىرىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن ئاقسوي، ئىككى دۆلەتنىڭ دۇنيانىڭ كۆپلىگەن رايونىدا تىنچلىق ۋە خەۋپسىزلىكىگە ھەسسە قوشۇش ئۈچۈن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ھامى ئاقسوي سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «بۇ ھەقىقەت ۋە تۈركىيەنىڭ مىللىي خەۋپسىزلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش يولىدا تاشلىغان قەدەملىرىنىڭ ئارقىسىدىكى ئورۇنلۇق سەۋەبلەر نەزەردىن ساقىت قىلىنىپ چىقىرىلغان بۇ خىل قارارلار، ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋەتلىرىگە ياراشمايدۇ. شۇڭا بىز دوستلۇقىغا ئەھمىيەت بېرىدىغان ئامېرىكا خەلقىنىڭ ۋە ۋەكىللىرىنىڭ ئەندىشە قىلىشىغا كېرەك يوق. ئاساسەن، دوستلۇق ۋە ئىتتىپاقداشلىقنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، بىز تەكلىپ قىلغان خىزمەت گۇرۇپپىسىنى قوللاپ، ئىجابىي ۋە سەمىمىي پوزىتسىيەنى نامايان قىلىشتۇر» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر