چاۋۇشئوغلۇ ياپونىيەنىڭ ئەڭ ئالىي دۆلەت ئوردىنىغا لايىق كۆرۈلدى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ياپونىيە پادىشاھى نارۇھىتو تەرىپىدىن «Grand Cordon of the Order of Rising Sun» (يۈكسەلگەن قوياش ئۇلۇغ نىشانى دۆلەت ئوردىنى) غا لايىق كۆرۈلدى.

1206432
چاۋۇشئوغلۇ ياپونىيەنىڭ ئەڭ ئالىي دۆلەت ئوردىنىغا لايىق كۆرۈلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ياپونىيە پادىشاھى نارۇھىتو تەرىپىدىن تۈركىيە ۋە ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسۋەتلەرنىڭ كۈچەيتىلىشى ۋە دوستلۇقنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى جەھەتتە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ئۈچۈن «Grand Cordon of the Order of Rising Sun» (يۈكسەلگەن قوياش ئۇلۇغ نىشانى دۆلەت ئوردىنى) غا لايىق كۆرۈلگەن.

ياپونىيەنىڭ ئەڭ ئالىي دۆلەت ئوردىنى ھېسابلىنىدىغان بۇ مۇكاپاتنىڭ بىر قانچە كۈن ئىچىدە ئالاھىدە مۇراسىم بىلەن مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇغا تەقدىم قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيە ياپونىيە پارلامېنتلىرى ئارا دوستلۇق گۇرۇپىسىغا باشلىقلىق قىلغان مەزگىللەردە ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەزگىلىدە ياپونيەنىڭ سىياسىي زاتلىرى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورناتقان بولۇپ، ئۇ ياپونىيە كۈلتۈرىگە ئالاھىدە قىزىقىپلا قالماستىن ياپون تىلىنىمۇ ياخشى بىلىدۇ.   

«يۈكسەلگەن قوياش ئۇلۇغ نىشانى دۆلەت ئوردىنى» بۇنىڭدىن ئىلگىرى 1958 - يىلىدا مەرھۇم باش مىنىستىر ئادنان مەندەرەسكە، ئاندىن مەرھۇم تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فاتىن رۇشتۇ زورلۇغا ۋە 2009 - يىلى ب د ت نىڭ تەرەققىيات پىروگراممىسىنى ئاخىرلاشتۇرغان كەمال دەرۋىشكە بىرىلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر