تۈركىيە ھەيئىتى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياۋۇز سېلىم قىران باشچىلىقىدىكى ھەيئەت ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى.

1205865
تۈركىيە ھەيئىتى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى باشقارمىسى تەرىپىدىن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن «تۈركىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى: ئورتاق ئۆتمۈش، يېڭى نىشان» ناملىق پائالىيەتكە قاتنىشىش ئۈچۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا زىيارەتتە بولۇۋاتقان تۈركىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياۋۇز سېلىم قىران باشچىلىقىدىكى ھەيئەت، شىمالىي كارولىنا ئىشتاتلىق پالاتا ئەزاسى جۇمھۇرىيەتچى توم تىللىس، فلورىدا ۋەكىلى جۇمھۇرىيەتچى فرانسىس رونېي، مىسسسىسسىپپى ۋەكىلى جۇمھۇرىيەتچى ترېنت كېلى ۋە تېننېسسې ۋەكىلى جۇمھۇرىيەتچى تىم بۇرچېت قاتارلىقلار بىلەن ئايرىم – ئايرىم كۆرۈشتى.

دىپلوماتىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇچرىشىشلاردا، تۈركىيە - ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇناسىۋەتلىرىدىن سىرت يەنە، تۈركىيەنىڭ رۇسىيەدىن «400 - س» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى سېتىۋېلىشى، سۈرىيەدە بىخەتەر رايون شەكىللەندۈرۈش، تېررورىزمغا قارشى  كۈرەشتە ھەمكارلىق ئورنىتىش قاتارلىق مەسىلىلەر ۋە رايونلۇق ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئۇچرىشىشلاردا، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى فەتھۇللاھ گۈلەن قاتارلىق فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بېرىلىش باسقۇچى، ھەمدە تۈركىيەنىڭ بۇ ھەقتىكى تەلەپلىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىلغان.

ئىگىلىنىشىچە، ئۇچرىشىشلىرىنى بۈگۈنمۇ داۋاملاشتۇرىدىغان ھەيئەت، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزالىرىدىن سىرت يەنە، ئاممىۋى تەشكىلاتلار  ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەنمۇ بىر يەرگە جەم بولىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر