ئەردوغان : «ياشىسۇن ئەركىن، مۇستەقىل ۋە كۈچلۈك تۈركىيە»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، «19 – ماي ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش، ياشلار ۋە تەنتەربىيە بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېگرامما تارقاتتى.

1203770
ئەردوغان : «ياشىسۇن ئەركىن، مۇستەقىل ۋە كۈچلۈك تۈركىيە»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېلېگراممىسىنى، «ياشىسۇن ئەركىن، مۇستەقىل ۋە كۈچلۈك تۈركىيە» دېگەن ئىبارىلەر بىلەن باشلىغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، 19 – ماينىڭ تۈرك مىللىتىنىڭ تىرىلىشى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ تېلېگراممىسىدا، «19- ماي، 100 يىل ئىلگىرى مۇستافا كەمال ئاتاتۈركنىڭ سامسۇنغا چىقىپ، مىللىي كۈرىشىمىزنى ئەمەلىي جەھەتتىن باشلىغان كۈندۇر. 19 – ماي ئىشغال كۈچلىرىنى زېمىنلىرىمىزدىن قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن مىللىي ئىرادىنىڭ، بىرلىك ۋە باراۋەرلىك روھىنىڭ، كۈچلۈك ئېتىقادنىڭ ئويغىنىش كۈنىدۇر» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.

19 – ماينىڭ ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىققە قاراپ تاشلانغان تۇنجى قەدەم ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان ئەردوغان ياشلارغا خىتاب قىلىپ، «تۈنۈگۈنكىگە ئوخشاش بۈگۈنمۇ ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقىمىزگە زىيان يەتكۈزمەكچى بولغان خىيانەت ۋە شۇملۇق مەركەزلىرىدىن بۇ دۆلەتنى سىلەر قوغدايسىلەر. ھەممە نەرسە سۈرئەت بىلەن ئۆزگىرىۋاتقان بىر دەۋردە ياشاۋاتىمىز. بۇ تېز سۈرئەتلىك ئۆزگىرىشنىڭ ئىچىدە ئىلىمدا، سانائەتتە، تېخنولوگىيەدە ۋە سەنئەتتە سىلەرنىڭ ئېنېرگىيە ۋە ھاياجىنىڭلارغا، سىلەرنىڭ ئارزۇ ۋە خىياللىرىڭلارغا بۇ دۆلەتنىڭ ئېھتىياجى بار. ھەممىمىزنىڭ سىلەرگە ئېھتىياجى بار. دۆلىتىمىزنى يېڭى نۇقتىلارغا سىلەرنىڭ پىكىرىڭلار، سىلەرنىڭ كەشپىياتلىرىڭلار، سىلەرنىڭ ئارزۇلىرىڭلار، سىلەرنىڭ ئىرادەڭلار يەتكۈزىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، «قولمۇقول تۇتۇشۇپ، كۆڭۈلنى كۆڭۈلگە بېرىپ دۆلىتىمىزنى تېخىمۇ ئىلغار نۇقتىلارغا يەتكۈزەيلى» دەپ بىرلىك ۋە باراۋەرلىككە چاقىرغان ھالدا تېلېگراممىسىنى ئاخىرلاشتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر